رۇسىيە ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كاپالەت شەرتى قويدى

رۇسىيە پۇقرالارنىڭ ھەلەبتە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىن يۆتكىلىدىغانلىقىغا قارىتا خەلقئارالىق ئورگانلاردىن كاپالەت تەلەپ قىلدى.

597461
رۇسىيە ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كاپالەت شەرتى قويدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پۇقرالارنىڭ يۆتكىلىشى ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قاراتقان بومباردىمانىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا قارىتا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ كاپالەت بېرىشىنى شەرت قىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ ئاخباراتچىلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «رۇسىيە ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتى پۇقرالار ۋە يارىدارلارنىڭ ھەلەبتە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىن يۆتكىلىدىغانلىقىغا قارىتا خەلقئارالىق ئورگانلار كاپالەت بەرگەن تەقدىردە بومباردىماننى ۋاقىتلىق توختىتىشقا تەييارمىز» دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 20 – ئۆكتەبىردە رۇسىيە ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەلەبتە پۇقرالارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىدلىب تەرەپكە سۈرۈلۇپ، شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بومباردىمان قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى دەسلەپتە 22 – ئۆكتەبىرگىچە، كېيىن يەنە 24 – ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتىلغان ئىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ۋاقىتلىق توختاتقان مەزكۇر مۇددەت ئىچىدە تەلەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شۇڭا ھۇجۇمنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىشى ھازىرچە كۈنتەرتىپىمىزدە يوق»دېگەن ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر