ۋېنېزۇئېلادا پىرېزىدېنت تەرەپدارلىرى پارلامېنتقا بېسىپ كىردى

ۋېنېزۇئېلادا پىرېزىدېنت مادۇرونىڭ تەرەپدارلىرى ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى يىغىن چاقىرىۋاتقاندا پارلامېنتقا بېسىپ كىردى.

595498
ۋېنېزۇئېلادا پىرېزىدېنت تەرەپدارلىرى پارلامېنتقا بېسىپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو تەرەپدارلىرى پارلامېنتقا بېسىپ كىردى.

پارلامېنتتا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان ئۆكتىچى پارلامنت ئەزالىرى، پىرېزىدېنت مادۇروغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يىغىن ئېچىۋاتقاندا، مادۇرو تەرەپدالىرى پارلامېنتقا باستۇرۇپ كىردى.

يىغىن زالىغا كىرگەن نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنى قوللاپ شوئارلار توۋلاشتى. نامايىشچىلار ناھايىتى تەسلىكتە يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا ئۆكتىچى پارتىيەلەر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بۆھرانلىرىغا سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونىڭ بۇرۇنراق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى ۋە بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن خەلق سايلام سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى باشلىغانىدى.

بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە چەكلىمە قويغان سايلام كومىتېتى، توپلانغان ئىمزالارغا ھىلە-مىكىر ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەرنىڭ چىققانلىقىغا قارىتا  مۇشۇنداق قارارنى بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مادۇرونىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن كېلەر يىلى 10-يانۋاردىن بۇرۇن خەلق سايلام پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.

سايلام كومىتېتى قارارىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ياقلىغان ئۆكتىچلەر بولسا، مەملىكەت مىقياسىدا نامايىشلار ئۆتكۈزمەكتە.

2013-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن مادۇرونىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2019-يىلى ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر