ھىندىستان ئەسكەرلىرى كەشمىردە ئوق چىقاردى

ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ كەشمىر چېگراسىدىن ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، يەتتە ئادەم يارىلاندى.

595729
ھىندىستان ئەسكەرلىرى كەشمىردە ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئارمىيەسى ھىندىستان-پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەشمىر چېگرا لىنيەسىدە ئوق چىقاردى. پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي چېگرا بولغان كەشمىر كونترول لىنيەسىنىڭ سىيالكوت رايونىدا، ھىندىستان تەرەپتىن «سەۋەبسىزلا» ئوق چىقىرىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 1.5 ياشلىق بىر بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلغان. پاكىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمۇ ئوق چىقىرىپ، جاۋاب قايتۇرغان.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر