تالىبان بىلەن ئافغانىستان ئەسكەرلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى
تالىبان ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان جۈزجان ۋىلايىتىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى.
595260
![تالىبان بىلەن ئافغانىستان ئەسكەرلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/68e2/6988/df98/580c4ca518641.jpg?time=1718850886)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تالىبان ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا تالىباننىڭ 17 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى، 20 ئەزاسى يارىلاندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تالىبان 20 – ئۆكتەبىردە ھىلماند ۋىلايىتىنىڭ ناۋە ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى. ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تەرىپىدىن سىنغا ئېلىنغان ھۇجۇمنىڭ نىشانى ساقچى مەركىزى ئىدى.
بىر ساقچى مۇدىرى بىلەن كۆپ ساندا خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمدىن كېيىن، تالىبان رايوننى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانىدى.