ئامېرىكا بىلەن قاتار تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن قاتار، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ دابىق يېزىسى بىلەن سوران بازىرىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

590978
ئامېرىكا بىلەن قاتار تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيە ۋە خەلقئارا بىرلەشمە تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىۋاتقان سۇرىيەلىك ئۆكتچىلەرنىڭ دابىق يېزىسىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلدىم» دېدى.

دابىقنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تەشكىلاتنىڭ بۇ يەردە ئېغىر زۇلۇملارنى قىلغانلىقىنى ۋە ئىنگلىزچە ژۇرنىلىغا بۇ رايوننىڭ نامىنى قويغانلىقىنى خاتىرىتىلىپ ئۆتكەن كارتېر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دابىقنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇپ قىلىنىشى ئۈچۈن سۇرىيەدىكى كۈرەشكە يېڭى بىر سۈرئەت بېغىشلىدى. دابىقنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان سۇرىيەلىكلەرگە ۋە ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەگە بۇ ھەرىكەت جەريانىدا ئورناتقان يېقىن ھەمكارلىقى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن.»

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بايانات بېرىپ، سوران رايونى ۋە دابىق يېزىسىنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ باشقا شەھەرلەرنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم ۋە ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قاتارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدىكى ھەر تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان سۇرىيە خەلقىنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى، سۇرىيەنىڭ دابىق يېزىسى بىلەن سوران بازىرىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇۋالغانىدى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بىر نەشرى ئەپكارىغا نامىنى بەرگەن <دابىق>، تەشكىلات ئۈچۈن سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، «دابىقتا مۇسۇلمان ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن كۈچلەر» بىلەن قىلىنىدىغان ئۇرۇش بىلەن «قىيامەت» نىڭ باشلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر