ئوباما سۈرىيە مەسىلىسىگە دائىر دېپلوماتىك يوللارنى تەۋسىيە قىلدى

ئوبامانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئەزالىرى بىلەن سۈرىيە ھەققىدە چاقىرغان يىغىنىدىن كېيىن ئاقساراي بايانات ئېلان قىلدى.

590043
ئوباما سۈرىيە مەسىلىسىگە دائىر دېپلوماتىك يوللارنى تەۋسىيە قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا، ئۆز گۇرۇپپىسىدىن سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دېپلوماتىيەنى كۈچەيتىشىنى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئوبامانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئەزالىرى بىلەن سۈرىيە ھەققىدە چاقىرغان يىغىنىدىن كېيىن ئاقساراي بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى تۆۋەنلىتىش تېمىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ گۇرۇپپىسى سۈرىيەنىڭ غەربىدىكى زورۋانلىق ۋە ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان زۇلۇملىرى ۋە ئىتتىپاقداشلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنى توڭلاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، شۇنداقتىمۇ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇش مەسىلىسىگە دېپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىش يوللىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە، ئوبامانىڭ رايوندا مەنپەئەتى بولغان مۇھىم دۆلەتلەر بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۈش  كېرەكلىكىنى بۇيرۇغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر