ئامېرىكا قىسىملىرى يەمەندە 3 رادار بازىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇدىپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھۇجۇمنىڭ پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ تەستىقى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

588726
ئامېرىكا قىسىملىرى يەمەندە 3 رادار بازىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوندا 3 رادار بازىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇدىپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتېر چۇك ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بۈگۈن ئەتىگەن يەمەننىڭ قىزىل دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان رادار بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر ۋە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى جوسىف دۇنفوردنىڭ تەۋسىيەسىگە بىنائەن پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ تەستىقىلىشى ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدا قىزىل دېڭىزدا كېتىۋاتقان «USS Mason» ۋە باشقا پاراخوتلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشتا ئشىلىتىلىدىغان رادار بازىلىرى نىشان قىلىنغانلىقى، مۇداپىئە خاراكتېرلىك بۇ ھۇجۇمنىڭ مەقسىتى، ئامېرىكا خادىملىرى ۋە پاراخوتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى شۇنداقلا مۇھىم دېڭىز كارىدورلىرىدىكى ئەركىن سەپەر قىلىش ھوقۇقىنى  قوغداش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پېتېر چۇك باياناتىدا «ئامېرىكا پاراخوتلىرىمىزغا ۋە سودا تىرانسپورتلىرىمىزغا قارىتا ھەر قانداق تەھدىتكە مۇناسىپ شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىلىدۇ. قىزىل دېڭىزدىكى بابۇل مەندەب قولتۇقىدا شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا ھەممىلا يېرىدە ئەركىن سەپەر قىلىش ھوقۇقىمىزنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. 

ئامېرىكا دۆلەت مۇدىپىئە مىنىستىرلىقى قىزىل دېىڭىزدا كېتىۋاتقان «USS Mason» ناملىق بومباردىمانچى پارخوتلىرىنىڭ بىر قانچە كۈندىن بۇيان شىئە ھۇسىي قىسىملىرىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى خۇدەيدا رايونىدىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر