ئامېرىكا پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نەق مەيدان مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى، ئىككى پىرېزىدېنت نامزاتى نەق مەيدان مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈپ كوزىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

586180
ئامېرىكا پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نەق مەيدان مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى دېموكراتچىلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتون بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ ئىككىنچى قېتىم تېلېۋىزور ئېكرانىدا يۈزمۈيۈز مۇنازىرىلەشتى.

مۇنازىرىدىن ئىلگىرى ھىلارى كىلىنتون بىلەن دونالد ترامپنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىكى ئىككى نامزات ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى نامايان قىلىپ بەردى. لېكىن تەرەپلەر مۇنازىرە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ خوشلاشتى.

مۇنازىرىدە، كونا بىر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئېلان قىلىنىپ ئاياللارغا ھاقارەت قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ، مۇنازىرە ئەسناسىدا كەچۈرۈم سورىدى.

ھىلارى كىلىنتون، ترامپنىڭ پۇرسەت تاپسىلا ئاياللارنى، مۇسۇلمانلارنى ۋە باشقا بارلىق پەرقلىق قاتلاملارنى چۈشۈرۈپ ئايرىمىچىلىق قىلغانلىقىنى، ئۇنى پىرېزىدېنت بولۇشقا مۇۋاپىق بىرى، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىننېسوتا ئىشتاتىدىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نەق مەيدان مۇنازىرىسىنى زالدا كۆرگەنلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ نامزاتلاردىن سورىغان ئىسلاموفوبىياغا بولغان قارىشى توغرىسىدىكى سوئالىغا ترامپ، «ئىسلاموفوبىيا ئېغىر بىر ساقلىنىۋاتقان مەسىلە. مۇسۇلمانلار ئاشقۇن ئىسلامچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەرگەن بولسا، ھىلارى كىلىنتون «مۇسۇلمانلار بىزنىڭ كۆزلىرىمىز، قۇلاقلىرىمىز بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىچىمىزدە ئورۇن ئېلىشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

سۇرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى ھولوكوستقا ئوخشاتقان كىلىنتون، ئۇ يەردە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلىنىش پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ترامپ بولسا، «نۆۋەتتە سۇرىيە دەيدىغان بىر يەر يوق؛ ئۇ يەر ئوباما بىلەن كىلىنتوننىڭ سايىسىدا رۇسىيە بىلەن ئىراندۇر» دېدى.

CNN İnternational قانىلىنىڭ ئەلرايى جەدۋىلىگە قارىغاندا، ئىككى ھەپتە ئىلگىرىكى مۇنازىرىنىڭ غالىبى ھىلارى كىلىنتون تۈنۈگۈنكى مۇنازىرىدىمۇ ئۈستۈنلۈكنى قولدىن بەرمىدى؛ CNN/ORC نىڭ ئەلرايى جەدۋىلىگە قاتناشقانلارنىڭ %57 ى مۇنازىرىدە ھىلارى كىلىنتوننىڭ، %34 ى بولسا، دونالد ترامپنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

CNN نىڭ ئالدىنقى مۇنازىرىدىن كېيىنكى ئەلرايى جەدۋىلىدە، مۇنازىرىدە كىلىنتوننىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى %62 ئىدى. بۇ سان، دېموكراتچىلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئۆتكەن ئىككى ھەپتە مابەينىدە 5 نومۇر چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى ئانالىزلاردا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ترامپنىڭ ئالدىنقى مۇنازىرىگە قارىغاندا، ئۆزىنى بىر قەدەر ياخشى ئىپادىلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىككى نامزاتنىڭ ئاخىرقى مۇنازىرىسى 19 – ئۆكتەبىر نېۋادا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر