فىرانسىيە رۇسىيە ئۈستىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدۇ

فىرانسىيە باش مىنىستىرى رۇسىيە ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

586351
فىرانسىيە رۇسىيە ئۈستىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە باش مىنىستىرى جېن مارك ئايرولت سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە سادىر بولىۋاتقان ئۇرۇش جىنايەتلىرى توغرۇلۇق رۇسىيە ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشنى پىلانلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئايرولت، خەلقئارا جىناىي ئىشلار مەھكىمىسى تەپتىش باشقارمىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئىلتىماسنى قانداق تەييارلاش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«سوتقا كىمنى ئەرز قىلىسىلەر؟»دېگەن سوئال قارىتا ئايرولت مۇنداق جاۋاب بەردى: «رۇسىيە رەھبەرلىرى بولۇپ، ھەلەبتە سادىر بولغان بارلىق جىناىي ئىشلار قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىرى، ئۇرۇش جىنايەتلىرى سادىر قىلغانلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىمىز.»

 ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 19-ئۆكتەبىردە فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئايرولت سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «پۇتىن فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ، بىز ئۇنىڭ بىلەن سۈرىيە كىرزىسى ۋە  ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىمىز.»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇا ئولاند سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ۋە ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ شەھەردە ئۇچۇشنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنى رۇسىيەنىڭ ۋېتو قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئولاند رۇسىيەنىڭ ۋېتو قارارىدىن كېيىن پۇتىننى 19-ئۆكتەبىردە پارىژدا كۈتۈۋېلىشنى خالاپ كەتمەيدىغانلىقىنى يېپىق ھالەتتە بىلدۈرۈپ، بۇ زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئولاند يەنە پۇتىن زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئۆز-ئۆزۈمدىن سورىغوم كېلىدۇ، پۇتىننىڭ زىيارىتىنىڭ قانچىلىك پايدىسى بولار؟ بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن قىلغان ئەتكەنلىرىگە ۋە ھەلەبتە خەلقنى بومباردىمان قىلىشلىرىغا خاتىمە بېرەلەمدۇق-يوق؟»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر