ئامېرىكا ئەلچىخانىسى مىسىردا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى قاھىرەدە تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، يەكشەنبە كۈنى ئادەم كۆپ جايلارغا، سودا ساراي، كېنوخانا، كونسېرت ۋە مۇزىيلارغا بارماسلىقنى جىكىلىدى.

585460
ئامېرىكا ئەلچىخانىسى مىسىردا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بىخەتەرلىككە ئالاقىدار ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن مىسىردىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئەتە (9 – ئۆكتەبىر) يەكشەنبە كۈنى پايتەخت قاھىرەدىكى خەلق توپلاشقان جايلارغا، سودا سارايلارغا، كېنوخانا، كونسېرت ۋە مۇزىيلارغا بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خۇسۇسىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىشى ۋە ھەر دائىم دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

مىسىر دائىرىلىرى بولسا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ھەققىدە تېخىچە بىرەر ئېنىقلىما ئېلان قىلمىدى.

مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مەجدى ئابدۇل غاففارنىڭ جىددى يىغىن چاقىرىپ، مۇئاۋىنلىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن نۆۋەتتە مىسىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر دائىرىسىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا ئەلچىلىكى تەرىپىدىن ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئېلان قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقى شۇنداقلا ئامېرىكىلىق مەسئۇللارغا يەتكۈزگەنلىكى قەيت قىلىندى.

 مىسىر تاشقى ئىشلار مىسىتىرلىقى باياناتچىسى ئەھمەد ئەبۇ زەيد تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ياكى مىسىر ھۆكۈمىتىگە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىسىتىرلىقى باياناتچىسى بۇنداق ئەھۋالدا بۇ خىل ئۇسلۇبتا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان سوئاللارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ۋە مىنىستىرلىق  بىلەن ئامېرىكا ئەلچىخانا مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر