ئامېرىكىدا رىقابەت داۋام قىلماقتا... كىلىنتونمۇ ترامپمۇ؟
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئالدىمىزدىكى ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى رىقابىتى سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى قېتىملىق پىرېزىدېنت نامزاتلىرى تېلېۋىزىيە نەق مەيدان مۇنازىرىسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايىنى سىناشتا، دېموكرات پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتون جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپنىڭ 5 نومۇر ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى.
CNN قانىلى بىلەن ORC ئەلرايىنى سىناش شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان ئەلرايىنى سىناشتا كىلىنتون %47، ترامپ %42 ئاۋازغا ئېرىشتى. مەزكۇر ئەلرايى سىنىقىدا يەنە پىرېزىدېنتلىق رىقابىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئەركىنلىكچى پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى گارى جونسون %7، يېشىل پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى جىل ستېئىن بولسا %2 ئاۋازغا ئېرىشتى.
مەزكۇر ئەلرايى نەتىجىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىنتوننىڭ <ئۈستۈنلۈكى> بىلەن ئاخىرلاشقان دەسلەپكى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق مۇنازىرىسىنىڭ سابىق بىرىنچى خانىم كىلىنتونغا پايدىلىق بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
پىرېزىدېنتلىق رىقابىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئىككى نامزاتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تېلېۋىزىيە نەق مەيدان مۇنازىرىسى 19 – ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.