«كۆچ مۇسۇلمان جامائىتىگە تولىمۇ ياخشى پۇرسەت»

گېرمانىيە دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام ئۇيۇشمىسى باشلىقى كۆچ ھادىسىسىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

582503
«كۆچ مۇسۇلمان جامائىتىگە تولىمۇ ياخشى پۇرسەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئۆتكەن ھەپتە دىرېسدېن شەھىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان فاتىھ جامەسىنىڭ ئىمامى ھەمزە تۇران بىلەن ئائىلىسىنى يوقلىدى.

مېركېل تۇران، ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىدىن ھال-ئەھۋال سورىدى.  ئۆتكەن ھەپتە بىرى خەلقئارا مەجلىس مەركىزىدە يەنە بىرى دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام ئۇيۇشمىسىغا قاراشلىق فاتىھ جامەسىدە بولۇپ ئىككى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى«ئانتى فاشست»ناملىق رادىكال بىر گۇرۇھ ئۈستىگە ئالدى.

ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن كېچىدە جامە قورۇسىغا كىرگەن موتوسىكلىت شەپكىسى بىلەن بىخەتەرلىك كامېرىسىغا چۈشۈپ قالغان گۇماندارنى ئىزدىمەكتە. بۇ ئارىلىقتا، گېرمانىيە مىقىياسىدا دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام ئۇيۇشمىسىغا قاراشلىق جامەلەردە ئۆتكۈزۈلگەن سىرتقا ئىشكنى ئېچىۋېتىش پائالىيەتلىرىگە گېرمانىيەلىكلەر سەلدەك ئاقتى.

جامەلەرگە كەلگەن نۇرغۇن نېمىس ئىسلام دىنى ۋە جامەلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. غەربىي ۋە شەرقىي گېرمانىيە بىرلەشكەن 3-ئۆكتەبىر كۈنىدە ئەنئەنىۋى پائالىيەت سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كېلىنىۋاتقان سىرتقا ئىشكنى ئېچىۋېتىش كۈنىنىڭ بۇ يىلقى مەزمۇنى «ھىجرەت-قىيىنچىلىق، كۈلپەت ۋە پۇرسەت بولغان كۆچ»بولدى.

كۆھلىندىكى دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام ئۇيۇشمىسىغا تەۋە مەركەز جامەسىدىمۇ سىرتقا ئىشكنى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە پىروگرامما ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلىغان بۇ پىروگرامما، سوپى مۇزىكىسى بىلەن داۋملاشتى، پائالىيەتتىكى ئېچىلىش نۇتىقلىرىدا كۆچمەنلىكنىڭ جەمئىيەتلەرگە نىسبەتەن پۇرسەت ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. ئارقىدىن مېھمانلار جامەلەرنى كەزدى. نېمىسلار بولۇپمۇ جامەنىڭ قورۇسىغا سېلىنغان كىتابخانىدىكى نېمىسچە ئىسلامىي كىتابلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى.

دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام ئۇيۇشمىسى تاشقى ئالاقە مۇدىرى دوكتور زەكەرىيا ئالتۇغ، سىرتقا ئىشكنى ئېچىۋېىش كۈنى توغرۇلۇق مۇنۇلارنى سۆزلەپ ئۆتتى: «گېرمانىيەدە جامەلەر سېلىنغاندىن باشلاپ سىرتقا ئىشكنى ئېچىۋېتىش كۈنلىرى پات-پات ئۆتكۈزۈپ كېلىنمەكتە. تەخمىنەن 20يىلدىن بۇيان 3-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى. كېيىنكى 10يىلدىن بېرى ھەر يىلى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلماقتا. بولۇپمۇ جامەلەرنىڭ خىزمەتلىرى شۇ يىلى بېكىتىلگەن تېما ئۈستىدە مەلۇماتلار بېرىلىپ جامائەتنىڭ ئىسلامىي مەلۇماتلىرىنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىلىنپ كەلمەكتە. گېرمانىيەدە ئىسلامغا نسبەتەن تونۇشلار تولىمۇ كەم ئىدى. سىرتقا ئىشكنى ئېچىۋېتىش كۈنلىرى باشقا كۈنلەردە كۆرۈشكىلى بولمايدىغان كىشىلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بىز بىلەن تونۇشقان كىشىلەر نۇرغۇن بىرتەرەپلىمە قاراشلىرىدىن ۋاز كەچمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر