بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەلەب ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 19 – سېنتەبىر كۈنى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شھەھىرى ئەتراپىدا  ب د ت ۋە سۈرىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىگە ئائىت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشى ئۈچۈن كومىتېت قۇرىدۇ.

580850
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەلەب ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان كومىتېت ھۇجۇمنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، بان كىمونغا دوكلات سۇنىدۇ.

ئاندىن بان كىمون قانداق قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى توغرۇلۇق قارار بېرىدۇ.

19 – سېنتەبىر كۈنى ھەلەبنىڭ بىرقانچە كىلومېتىر غەربىدىكى ئۇرۇم ئەلكۇبرا رايونىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئائىت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان 31 ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

ھۇجۇم مەسىلىسىدە ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا بىر – بىرىنى ئەيىبلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر