ئەردوغان مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

579595
ئەردوغان مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، ھەلەب ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ جىددىي ئەھۋالى، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئەردوغان مېركېلگە ئۇدا 37 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

ئىككى رەھبەر سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش نىشان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قايتىدىن ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تىرىشچانلىقلارنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر