ئامېرىكا ئەسەدتىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولدى

رۇسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ئېيتتى.

576425
ئامېرىكا ئەسەدتىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ۋاشىنگىتوننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ 17-سېنتەبىردە سۈرىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دەير ئەز-زۇر ۋىلايىتىدە سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە تەۋە بىر ھەربىي بازىنى بومباردىمان قىلىشى سەۋەبىدىن ئەسەدتىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ئېيتتى.

لاۋروۋ رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نىيۇيوركتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن 20-سېنتەبىردە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بۇ مەسىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۆزلىرى بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ خاتا قىلغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى، بىز ئارقىلىق سۈرىيەلىكلەردىن كەچۈرۈم سوراشتى. »

لاۋروۋ «سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەسەدتىن كەچۈرۈم سورىدىمۇ؟»دېگەن سوئالغا قارىتا مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، كەچۈرۈم سورىدى، بۇ ئىشتا بىر ئاز غەلىتىلىك بار. ھېچكىمنى ئەيىبلىگۈم يوق، بىراق خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا تەۋە ئىستىخبارات مەركىزىنىڭ ئۇ جايدا كىمنىڭ قەيەردە بارلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا ئىشىنىش تولىمۇ تەس.»

ئوباما ھاكىمىيىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 62 ئەسەد ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن قايغۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر