بەششار ئەسەد قىسىملىرى زور چىقىمغا ئۇچرىدى
سۈرىيەنىڭ لازقىيەگە جايلاشقان تۈركمەن تېغى ۋە جەبەل ئەقرادتا چىققان ئۇرۇشتا، ئۆكتىچىلەرنىڭ بەششار ئەسەد قىسىملىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چېكىندۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
![بەششار ئەسەد قىسىملىرى زور چىقىمغا ئۇچرىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/1cd5/a013/033e/57e4fe35777c8.jpg?time=1718656938)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرىنىڭ لازقىيەدىكى تۈركمەن تېغى ۋە جەبەل ئەقرادقا قىلغان ھۇجۇمىدا، 12 بەششار ئەسەد ئەسكىرى ئۆلدى.
يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد قىسىملىرى تۈنۈگۈن (22-سېنتەبىر) چۈشتىن باشلاپ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى نۇرغۇن يېزىلارنى بومباردىمان قىلدى. جەبەل ئەقرادتىكى ئەتتۈفھىيە ئېگىزلىكى بىلەن تۈركمەن تېغىدىكى ئىسا بۇلىقى يېزىسىدىن ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنغان بەششار ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك ئۇرۇشلار يۈز بەردى. ئۆكتىچىلەركېچە بويىچە داۋام قىلغان ئۇرۇشتا، بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چېكىندۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/4013/5ea5/18f0/653a1165d84d0.jpg?time=1718656938)
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.