ئامېرىكا ئەردوغاننىڭ «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» تەكلىپىنى قوللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سۈرىيەدە «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» بەرپا قىلىش تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

575099
ئامېرىكا ئەردوغاننىڭ «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» تەكلىپىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى سۈرىيەدىكى ھالقىلىق رايونلاردا ئۇچۇشلارغا چەكلىمە قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

كېرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا چاقىرىلغان سۈرىيە يىغىنىدا، سۈرىيەدە «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» بەرپا قىلىش تەلەپلىرى توغرۇلۇق توختالدى ۋە قانۇنلۇق ئۆكتىچىلەر بىلەن ئەننۇسرە ۋە دائېشنى بىر – بىرىدىن ئايرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىدى.

سۈرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئۆكتىچىلەر تۇرۇۋاتقان رايونلارغا ئۇچۇشىنىڭ چەكلەش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن كېرى ئۇچۇشلارغا چەكلىمى قويۇش لازىملىقىنى، بۇنداق بولغاندا،  سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «بىز ئەننۇسرە ئالدىنقى سېپىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دەپ قويۇپ، پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كېرى رۇسىيەدىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۇچقىلى قويماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرى ۋە پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن كېرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ھەلەب ئەتراپىدىكى بىر شىپاخانىدا 4 نەپەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە بۇ رايوندا پەقەت رۇسىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭلا ئۇچالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

19 – سېنتەبىر كۈنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ۋە 2 سائەت داۋاملاشقان ھۇجۇمدىمۇ 20 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىمىنىڭ ئۆللتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن كېرى، «بۇ ھۇجۇم سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىمىزغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى ھەمدە رۇسىيە بىلەن بەششاد ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدە بەرگەن ۋەدىسىگە قارىتا قاتتىق گۇمان تۇغدۇردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر