بېلگىيەدە سودا كېلىشىملىرىگە قارشى نامايىش پارتلىدى

مىڭلارچە كىشى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ۋە كانادا بىلەن مۇزاكىرە قىلغان سودا كېلىشىملىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

574284
بېلگىيەدە سودا كېلىشىملىرىگە قارشى نامايىش پارتلىدى
brüksel protesto.jpg
brüksel protesto.jpg
brüksel protesto.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ چاقىرىقى بىلەن تەخمىنەن 15 مىڭ كىشى «ئاتلانتىك ئوكيان سودا ۋە سېلىنما شېرىكچىلىكى»، «كەڭ دائىرىلىك ئىقتىسادىي ۋە سودا كېلىشىمى» قاتارلىق كېلىشىملەرگە نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ بىنالىرى جايلاشقان شۇمان مەيدانىدا توپلاندى. يېقىنقى ھەپتىلەردە ئىقتىسادىي كىرىزىستىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدەۋاتقان ياۋروپانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادا ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمىنىڭ دېموكراتىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىنالىرىنىڭ ئالدىغا ترۇۋا ئاتلىرىنى قويدى ۋە سودا كېلىشىملىرىگە قارشى شوئار توۋلىدى.

نامايىشچىلار كېلىشىملەر تەستىقلانغان تەقدىردە، كۆپ دۆلەتلىك شىركەتلەر ۋە چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇن تۈزۈمى ئىچىدە سۆزى ئۆتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. نامايىشچىلار يەنە، كېلىشىملەرنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالار ئۈچۈن ھېچقانداق پايدىسىنىڭ يوقلۇقىنى، پەقەت چوڭ شىركەتلەرگىلا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ۋە خەلقنى تېخىمۇ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

نامايىشچىلار، ھازىر سەھىيە ساھەسىنىڭ دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئەگەر كېلىشىم تەستىقلانغان ئەھۋالدا سەھىيە خىزمەتلىرىنىڭ پۇللۇق ھالغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بېلگىيە ساقچى دائىرىلىرى نامايىش سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى. ساقچى تىك ئۇچارلىرى نامايىشچىلارنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇپ تۇردى. نامايىشچىلارنىڭ يولىدىكى كوچىلار ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە سۇ چاچىدىغان ئاپتوموبىللار بىلەن توسۇۋېتىلدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر