ئىيوردانىيە سايلام ھەلەكچىلىكىدە
ئىيوردانىيە خەلقى پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىدۇ.
573479
![ئىيوردانىيە سايلام ھەلەكچىلىكىدە](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/af75/0dce/1b2e/57e0ddf7d6f06.jpg?time=1719338694)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيەدە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا.
130 پارلامېنت ئەزاسى سايلىنىدىغان سايلامدا 1000 ئەر، 252 ئايال نامزات رىقابەتلىشىدۇ.
مۇستەقىللىق سايلام كومىتېتى باياناتچىسى جىھاد ئەل-مومەنى، 4 مىليون 130 مىڭ 145 سايلىغۇچىنىڭ، 1483 ساندۇققا بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى، سايلامدا 15مىڭ يەرلىك ۋە چەت ئەللىك كۆزەتكۈچى بىلەن 84مىڭ كىشىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.