« تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن»

تۈركىيەنىڭ ب د ت جەنۋە ئىشخانىسى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى مەھمەت فەردەن چارىكچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

572956
« تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە سۈرىيەنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش غەرىزىدە سادىر قىلغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا چاقىردى.

ب د ت خەلقئارا مۇستەقىل سۈرىيە تەتقىقات كومىتتى باشلىقى پاۋلو سېرگىيو فىنخېيرو، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىگە سۈرىيەدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى توغرۇلۇق دوكلاتىنى سۇنغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ب د ت جەنۋە ئىشخانىسى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى مەھمەت فەردەن چارىكچى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ب د ت كومىتېتىنىڭ دوكلاتى سۈرىيە ھاكىمىيىتى سادىر قىلغان جىنايەتلەرنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق ئىجتىمائىي قاتلاملارنى ئوخشىمىغان تەرىقىدە ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا. ب د ت ئورتاق تەتقىقات ئورنىمۇ ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەن ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن ئىككى خىمىيىۋى قورالنىڭ جاۋابكارىنىڭ ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەسەد ھاكىمىيىتى خىمىيىۋى قوراللار ئىشلەتكەن دائېش بىلەن ئوخشاش ئىدىيەگە ئىگە، دائېش سۈرىيە ۋە ئۆزگە يۇرتلاردىمۇ ئېغىر تەھدېتلەرنى شەكىللەندۈرمەكتە.»

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نىڭمۇ سۈرىيەدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى سادىر قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلغان چارىكچى مۇنداق دېدى: «ي پ گ نىڭ سۈرىيەدە سادىر قىلغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگىنى تەرىپىدىن تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈشى كېرەك. ي پ گ نىڭ كۈرت سىياسەتچىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشى ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرى سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى ئېيتقان چارىكچى، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنىڭ ئەكسىچە، ھېلىھەم سۈرىيەدىكى بەزى جايلارغا ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈلۈشىگە توسالغۇ بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر