ئامېرىكىدا يەنە ئوقۇغۇچىلار سادىر قىلغان زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى
ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسى زوراۋانلىق ۋەقەسى سادىر قىلدى.
568096
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مەكتەپلەردە ئەۋج ئالغان قوراللىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە يەنە بىرسى قوشۇلدى.
تېكساس ئىشتاتىدىكى مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسى، دوستلىرىغا ئوق چىقىرىپ ئارقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
ۋەقەدە 3 ئوقۇغۇچى بىلەن بىر ساقچى يارىلاندى، ۋەقە يۈز بەرگەن ئەسنادا 280 ئوقۇغۇچى بار ئىدى.