كىرېملىن قازاغا ئۇچرىغان «پۇتىننىڭ ئاپتوموبىلى» توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رەسمىي خىزمەت ئاپتوموبىلىنىڭ باشقا بىر ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇشقانلىقى ۋە شوپۇرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ھەققىدىكى خەۋەرلەر يالغانمىدى؟

567608
كىرېملىن قازاغا ئۇچرىغان «پۇتىننىڭ ئاپتوموبىلى» توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن پۈتكۈل ئاگېنتلىقلاردا ئورۇن ئالغان بۇ خەۋەر 4 كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانىدى. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا يەكشەنبە كۈنى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رەسمىي خىزمەت ئاپتوموبىلى يولدا كېتىۋاتقاندا قارشى تەرەپتىن كەلگەن بىر ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن، قازادا پۇتىن شوپۇرىنىڭ ئۆلگەن ئىدى. ھەتتا، ۋەقە يۈز بەرگەندە پۇتىننىڭ ئاپتوموبىلدا يوق ئىكەنلىكىمۇ قەيت قىلىنغانىدى.

رۇسىيە مەنبەلىرى بۈگۈن، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان ئاپتوموبىلنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى – كىرېملىنغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، لېكىن، ئۇنىڭغا پۇتىننىڭ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. مەزكۇر مەنبە، قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغان شوپۇرنىڭمۇ پۇتىننىڭ خۇسۇسىي شوپۇرى ئەمەسلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر