لىۋىيەدىن 500 توننا خىمىيەلىك قورال چىقىرىلدى
دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرىستىيان جەنسەن «لىۋىيەدىن خىمىيەلىك قورال قالدۇقلىرىنى چىقاردۇق ۋە بۇلارنىڭ يامان نىيەتلىك كىىشلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق» دېدى.
562718
![لىۋىيەدىن 500 توننا خىمىيەلىك قورال چىقىرىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/358f/0ff7/892f/57c6c5a7c2c34.jpg?time=1719291857)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دانىيەلىكلەرنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارالىق ھەرىكەتتە لىۋىيەدىن 500 توننا خىمىيەلىك قورال چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا خىمىيەلىك قوراللارنىڭ شەنبە كۈنى مىسۇراتا پورتىدىن پاراخوتقا قاچىلانغانلىقى ۋە گېرمانىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرىستىيان جەنسەن «لىۋىيەدىن خىمىيەلىك قورال قالدۇقلىرىنى چىقاردۇق ۋە بۇلارنىڭ يامان نىيەتلىك كىىشلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق» دېدى.
خىمىيەلىك قوراللارنى لىۋىيەدىن چىقىرىش ھەرىكىتىگە ئەنگلىيە ۋە فىللاندىيەمۇ ياردەم قىلدى.