سىسى:مىسىرلىقلار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىككە ئورۇن يوق

مىسىر پىرىزېدېنتى ئابدۇفەتتاھ ئەس-سىسى مىسىرلىقلار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىككە ئورۇن يوقلىقىنى بىلدۈردى.

556424
سىسى:مىسىرلىقلار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىككە ئورۇن يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرىزېدېنتى ئابدۇفەتتاھ ئەس-سىسى مىسىر بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىككە سەۋەب بولىدىغان بىرمۇ ئەھۋالنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى.

سىسى مىسىردىكى ئەل ئەھرام، ئاھبار ۋە جۇمھۇرىيەت قاتارلىق رەسمىي گېزىتلارنىڭ باش دىرىكتورلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ «تۈركىيەنىڭ مىسر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى»دېگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سورالغان سوئالغا قارىتا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مىسرلىقلار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىككە سەۋەب بولىدىغان ھېچقانداق ئەھۋال يوق، بىز تۈركىيەنىڭ مىسىر سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى ساقلايمىز.»

سىسى ئافرىقىدا فىرانسۇزچە چىقىدىغان بىر ژۇرنالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە تۈركىيەگە قارشى دۈشمەنلەرچە بايانات بېرىپ باقمىدۇق.»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، قاتار، خىتاي ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقىتىش بېرىدىغان ئاگېنتلىق، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە ناشتا قىلدى. ناشتىدا بىنالى يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «مىسىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشنى خالايمىز، كۆڭلىمىزنى بىلدۈردۇق ، <مىسىردا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ئاساستا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىمىز>دېگەن چۈشەنچىدە ئەمەسمىز، بۇ ئىشنىڭ نامىنى بېكىتتۇق، مىسىردا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى، مىسىر ھاكىمىيىتىمۇ <بىز ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى ئەمەسمىز>دەيدىغان بولسا، بۇنى پۈتكۈل دۇنياغا چۈشەندۈرۈپ بەرسۇن، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆز خەلقىگە چۈشەندۈرۈپ بەرگىنى ياخشى. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ بىز يەنىلا مىسىر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئاقدېڭىز ياقىسىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ئىككى دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كۈچەيتىشنى زۆرۈر، دەپ قارايمىز ۋە بۇ مەسىلىگە ئىجابىي قارايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر