ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا توقۇنۇش يۈز بەردى

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 25 پەلەستىنلىكنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ۋە بىر ياشنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

553539
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا توقۇنۇش يۈز بەردى
israil filistin ev yıkımı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 67 يىلدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان  فەۋۋار پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پاناھلانغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا پەلەستىنلىك بىر ياش ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 25 پەلەستىنلىكنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۆتكەن ئايدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئوق چىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن بىر كىشى ئۆلگەن بولۇپ، لاگېر 26 كۈنگىچە تاقىۋېتىلگەن ئىدى. 

غەربىي قىرغاقتا ئالدىنقى نۇيابىر ئېيىدىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە، 220 پەلەستىن پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 34 ئىسرائىلىيەلىك ئۆلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر