گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى ۋولفگاڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

553646
گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ روستوك شەھىرىدە سۆز قىلغان ۋولفگاڭ، ئۆكتىچىلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا خاتىمە بېرىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىنى رەت قىلدى.

ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ گېرمانىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ۋولفگاڭ، سۈرىيە ۋە ئىراق دېگەندەك دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلار ئېقىنىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەمچى بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر