ئاۋسترىيەدە فەتھۇللاھچىلارغا قارشى چىققان تۈركلەر جازالاندى

ئاۋسترىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تۈركلەرنى جازالىدى.

551846
ئاۋسترىيەدە فەتھۇللاھچىلارغا قارشى چىققان تۈركلەر جازالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەدە چەت ئەل دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىق خاھىشلىرى كۈچەيمەكتە.

تەخمىنەن 8 يېرىم مىليون نوپۇسلۇق ئاۋسترىيەدە ياشاۋاتقان 1 مىليوندىن ئارتۇق چەت ئەللىك بۇ ئەھۋالدىن ئەندىشە قىلماقتا.

سانى 250000دىن كۆپ بولغان تۈركلەرگە قارىتىلغان بېسىملارمۇ كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە.  

2-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرىزېدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى سىياسەتچىلەر چەت ئەل دۈشمەنلىكى خاھىشىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا.

رادىكال مىللەتچى بولغان ئاۋسترىيە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ پىرىزېدېنت نامزاتى ناغبېرت ھوفا مۇنداق دېدى: «ئاۋسترىيەدىكى تۈركلەرنىڭ قوش پۇقرالىق مەسىلىسى ھەل بولغۇچە تۈركلەرنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلماسلىق كېرەك.»

تۈركلەرنىڭ ئاۋسترىيە پۇقراسى بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھوفا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنىڭمۇ توختىتىپ قويۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھوفا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە نارازىلىق مەقستىدە ۋىيانا كوچىلىرىغا تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن چىققانلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئەل رايىدا ھوفانىڭ 2-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرىزېدېنتلىق سايلىمىدا %51 ئاۋازغا ئېرىشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.  

ناھايىتى كەسكىن ئۆتۈشى تەخمىن قىلىنىۋاتقان سايلام، تۈركىيەنىڭ زىيىنىغا تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى. رادىكال ئوڭچىللارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولماقچى بولغان غوللۇق سىياسىي گۇرۇھلارمۇ تۈركىيەگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.

ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەباستىيان كۇرز تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان تۈركلەرنىڭ پۇقرالىقىنى بېكار قىلىۋېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى جاكارلىدى.  

ۋىغنا نويشتاد رايونلۇق ھۆكۈمىتىمۇ تۈركلەرنىڭ ئۆي ۋە ئىش ئورۇنلىرىغا تۈركىيە بايراقلىرىنى ئېسىشىنى چەكلىدى، ئاۋسترىيە مىقياسىدا تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەنلەرمۇ «يىغىلىش ۋە يىغىن قانۇنىغا زىت ھەرىكەت قىلغانلىقلىرى»سەۋەبىدىن ئىقتسادىي جازاغا ھۆكۈم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر