ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئەتە (جۈمە) ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

549964
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن دەسلەپ قېتىم ئىرانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ؛ ئۇچرىشىشلاردا تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا سۈرىيە قاتارلىق رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر