ب د ت: مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر 2017 - يىلى 1 مىليون مۇساپىرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلدى

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن تەرىپىدىن 19 – سېنتەبىردە چاقىرىلىدىغان «كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار يىغىنى» غا مەسئۇل قىلىنغان ئالاھىدە مەسلىھەتچى ئەبۇ زەيد، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

548848
ب د ت: مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر 2017 - يىلى 1 مىليون مۇساپىرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن تەرىپىدىن 19 – سېنتەبىردە چاقىرىلىدىغان «كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار يىغىنى» غا مەسئۇل قىلىنغان ئالاھىدە مەسلىھەتچى ئەبۇ زەيد، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا بىرلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەبۇ زەيد، يىغىندىن ئىلگىرى مۇھىم بىر باسقۇچقا كېلىنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، قوبۇل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ 2017 – يىلى 1 مىليون مۇساپىرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ ساننىڭ دۇنيادىكى ئومۇمىي مۇساپىرلار سانىنىڭ %5 ىگە، مۇساپىر سۈپىتىدە بىر يەرگە ئورۇنلىشىشقا تىرىشىۋاتقانلارنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەبۇ زەيد يەنە، ئەزا دۆلەتلەرنى مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا تېخىمۇ كۆپ قەدەملەرنى قىلىشقا ۋەدە بېرىشكە چاقىرىدىغان مەزكۇر كېلىشىم توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇ ھۆججەت ئۈستىدىكى ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىنغان تەقدىردە، كۆچمەنلەرگە، مۇساپىرلارغا، ئۇلارغا ياردەمچى بولغانلارغا شۇنداقلا ئۇلارنى كۈتۈۋالغان جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەرگە پايدىسى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مۇساپىرلار مەسىلىسى ئالدىمىزدا ئايدا نىيۇيوركتا چاقىرىلىدىغان ب د ت يىغىنىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

يەنە، 2018 – يىلى چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان ھۆكۈمەتلەر ئارا مۇساپىرلار يىغىنىدا، بۇ ھەقتە بىر «دۇنياۋى پىرىنسىپ خىتابنامىسى» نىڭ قوبۇل قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر