ئەسەد ئەسكەرلىرى خەلقنى بومباردىمان قىلىشنى داۋالاشتۇرماقتا

خەلق قوغدىنىش ئەترەتلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكۈن بىنانىڭ ئاستىدىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا.

547924
ئەسەد ئەسكەرلىرى خەلقنى بومباردىمان قىلىشنى داۋالاشتۇرماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى ئىدلىب شەھىرىنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىغا ۋاكۇم بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇمدا 5 كىشى ئۆلۈپ، 12 كىشى يارىدار بولدى.

ھۇجۇمدا بىر بىنا پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

خەلق قوغدىنىش ئەترەتلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكۈن بىنانىڭ ئاستىدىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا.

ھۇجۇمدا يارىدار بولغان كىشىلەر شەھەردىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر