سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئەسەد كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتتى

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەلەب مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.

546460
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئەسەد كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەلەب مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتتى؛ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى، ھەلەب مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ھەرىكىتىنىڭ يەتتىنچى كۈنىدە شەھەرنىڭ شىمالىدىكى رامۇسە رايونىنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ھاۋا ئارمىيە پەن – تېخنىكا مەكتىپىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى.

فەتىھ قۇشۇنىنىڭ توقۇنۇشلاردا رامۇسە دوقمۇشى، ناۋايخانىسى ۋە ماي قاچىلاش ئىسكىلاتىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغان مەنبەلەر، ئۆكتىچىلەرنىڭ 7 كۈن ئىچىدە ئەسەد كۈچلىرىنىڭ سېپىدە ئۇرۇش قىلۋاتقان ئىران، ئىراق ۋە ھىزبۇللاھ مىلىتارىستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن ‹جەيشۇلئىسلام› بىلەن ‹ئەھرارۇششام›مۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەلەب مۇھاسىرىنىڭ بۆسۈپ تاشلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى جەزملەشتۈردى.

ئۆكتىچىلەر، ئالدىنقى كۈنى رامۇسە رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زەمبىرەكچىلەر مەكتىپى، قوراللاندۇرۇش ۋە بايانات بېرىش مەركەزلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر