تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

باياناتتا، «بالاستىك باسقۇرلىدىغان بومبا سېنىقىنى ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلغۇچ قوراللار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى ھەققىدە شىمالىي كورىيەگە قاراتقان چاقىرىقىمىزنى تەكرارلايمىز» دېيىلدى.

545095
تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە شىمالىي كورېيەنىڭ بالاستىك باسقۇرۇلىدىغان بومبا سېنىقىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بالاستىك باسقۇرۇلىدىغان بومبا سېنىقىنى داۋالاشتۇرۇشىغا قارىتا، «رايوننىڭ ۋە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىلىقىغا تەھدىت سېلىشنى داۋالاشتۇرغانلىق بولىدۇ» دەپ باھا بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى ۋە زورۋانلىقنى ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «بالاستىك باسقۇرلىدىغان بومبا سېنىقىنى ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلغۇچ قوراللار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى ھەققىدە شىمالىي كورىيەگە قاراتقان چاقىرىقىمىزنى تەكرارلايمىز. شىمالىي كورىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرى دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىگە رىئايە قىلىشىنى كۈتىمىز» دېيىلدى.

شىمالىي كورېيە تۈنۈگۈن 2016 - يىلى 3 – ئاۋغۇستتا بالاستىك باسقۇرۇلىدىغان بومبا سېنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر