گىرېتسىيە ياۋروپانى تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە قارشى ‹ب› پىلانى تەييارلاشقا چاقىردى

گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەن ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ياننىس مۇزالاس، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تۈركىيەنىڭ ئۆزگەرتكۈسى پوزىتسىيەسىگە قارشى ‹ب› پىلانى تەييارلاشنى تەلەپ قىلدى.

544024
گىرېتسىيە ياۋروپانى تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىگە قارشى ‹ب› پىلانى تەييارلاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەن ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ياننىس مۇزالاس، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مارت ئېيىدا ئىمزالىغان قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمىدىن ۋاز كېچىش ئېھتىمالىغا قارشى بىر ‹ب پىلانى› تەييارلاشنى تەلەپ قىلدى.

مىنىستىر مۇزالاس گېرمانىيەنىڭ بىلد گېزىتى ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا چاقىرىق قىلىپ، «كۈچلۈك ئەندىشە قىلماقتىمىز، ھەرقانداق ئەھۋالدا بىر ‹ب پىلانى› غا ئېھتىياجىمىز بار.» دېدى.

ئاتىنا (ئافىنا)، 18 – مارتتا تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بۇزۇلغان تەقدىردە، بولۇپمۇ تۈركىيە قىرغاقلىرىغا يېقىن جايلاردا قايتىدىن كوللېكتىپ مۇساپىرلار ئېقىنلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

مۇزالاس، ۋەدە قىلغان بولۇشىغا قارىماي مۇساپىر قوبۇل قىلمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە خىتاب قىلىپ، «مۇساپىرلار يالغۇز بىر قانچە دۆلەتكە ئەمەس، مۇۋازىنەتلىك شەكىلدە پۈتكۈل ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىتىلىشى لازىم» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش ماددىسى ئۆكتەبىر ئېيىغىچە ئىجرا قىلىنمىغان تەقدىردە، مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر