ئىسرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ خادىملىرىغا زۇلۇم قىلماقتا

مىنىستىر ئادنان ئەل ھۇسەينى، مەسجىدى ئەقسانى رېمۇنت قىلىش ئۈچۈن بىر خالتا سېمۇنتنىمۇ نۇرغۇنلىغان رەسمىيەت ئاۋارىچىلىقلاردىن كېيىن ئاران دېگەندە ئىچىگە ئېلىپ كىرىش مۇمكىن بوۇلۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

543547
ئىسرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ خادىملىرىغا زۇلۇم قىلماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە مەسجىدى ئەقسانىڭ خادىملىرىغا قارشى يېڭى بىر ئۇرۇش باشلاتتى.

پەلەستىن قۇددۇس ئىشلىرى مىنىستىرى ئادنان ئەل ھۇسەينى مەسجىدى ئەقسانىڭ رېمۇنت قىلدۇرۇلىشىغا ئالاقىدار باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ قوغدۇغۇچىلىرى ۋە ئىسلامى فوندى جەمئىيەتلەر ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسجىدى ئەقسا خادىملىرىغا قارشى يېڭى بىر ئۇرۇش باشلاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەسجىدى ئەقسانى رېمۇنت قىلىش ئۈچۈن بىر خالتا سېمۇنتنىمۇ نۇرغۇنلىغان رەسمىيەت ئاۋارىچىلىقلاردىن كېيىن ئاران دېگەندە ئىچىگە ئېلىپ كىرىش مۇمكىن بوۇلۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان مىنىستىر ئادنان ئەل ھۇسەينى، جامى مەيدانىدا 12 كۈندىن بۇيان ئىسرائىلىيە تارىخىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى مەسئۇللىرى يوق، دېگەننى باھانە قىلىپ، تۇرۇببىلارنىڭ رېمۇنت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئادنان ئەل ھۇسەينى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان چىقىپ ۋەيران قىلىش ھەركەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ،  پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ رۇخسەتسىز دېگەن باھانە بىلەن چىقىپ تاشلىنىۋاتقانلىقىنى، يەھۇدىي كۆچمەنلەرگە پەلەستىن زېمىنىدا قۇرۇلۇش رۇخسىتى بېرىش بىلەن بىرگە بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر