تۈركىيە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ھوقۇقىغا ئىگە

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش مەغلۇب قىلىنغاندىن كېيىن باشلىغان تەكشۈرۈشلىرىنى توغرا چۈشىندىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

540492
تۈركىيە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ھوقۇقىغا ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جون كىربى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن باسقان قەدەملىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن باسقان قەدەملىرىنى توغرا چۈشىندىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇ مەسىلىنى ئاخىرىغىچە ھەل قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالار ئالدىدىكى بۇرچىدۇر. تەكشۈرۈلىشى ۋە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلار جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن، بېسىلغان قەدەملەر ھەققىدىكى يەنە بىر سوئالغا: «ئېلىنغان قارارلارنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا گەپ قىلىشنى تۈركىيە مەسئۇللىرىغا قالدۇرىمەن. ئۇلارنىڭ دېموكراتىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. دوست ۋە ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ مۇساپىدە تۈركىيە مەسئۇللىرى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىمىزنى داۋاملىق ساقلاپ قالىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

تۈركىيە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ھوقۇقىغا ئىگە

جون كىربى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشى ھەققىدىكى سوئالغىمۇ جاۋاب بەردى.

ئۇ: «تۈركىيە مۇستەقىل بىر دۆلەت. تۈركىيە ئۆزىنى كۈچلەندۇرىدۇ ۋە ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ، دەپ قارىغان ئىككى تەرەپلىك شۇنداقلا كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە. بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، تۈركىيە ۋە ناتو ئارقىلىق ھەمدە دائېشقا قارشى بىرلەشمە قىسىم ئارقىلىق قۇرغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر