ماكېدونىيەدىكى تۈركلەر تۈركىيەنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ) نىڭ 15 – ئىيۇل كېچىسىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىغا لەنەت ياغدۇرۇش داۋام قىلماقتا.

540114
ماكېدونىيەدىكى تۈركلەر تۈركىيەنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكېدونىيە پايتەختى سىكوپژېدا دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. ماكېدونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان جايلاردىن كەلگەن ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن مىڭلارچە كىشى دېموكراتىيە نۆۋىتىگە قاتنىشىپ، خائىنلارچە قىلىنغان ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. قوللىرىدا تۈركىيە بايراقلىرى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان كىشىلەر، جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە مىللەت مارشى ئوقۇدى.

ماكېدونىيەدىكى تۈرك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى تاھسىن ئىبراھىم، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى خائىنلىرىنىڭ ماكېدونىيەدىمۇ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ماكېدونىيەلىك تۈركلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ مۇقەددەس زېمىنلاردا ئۇلارنى سىغدۇرۇش بىزگە ھارامدۇر» دېدى.

ماكېدونىيەنىڭ گوستىۋار ۋە كىرچوۋا شەھەرلىرىدە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر