«BBC»نىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى تەرەپۋاز تارقىتىشلىرى قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا

تىم مارشال: «ئۇلار جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۆلتۈرمەي چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى» دېگەندەك بولمىغۇر سۆزلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

538431
«BBC»نىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى تەرەپۋاز تارقىتىشلىرى قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا
türk öğrenci birliği bbc'yi protesto etti.jpg
türk öğrenci birliği bbc'yi protesto etti. londra.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تېلېۋىزىيەسى «BBC» فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى/پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قۇزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن بۇيان تۈركىيە ھەققىدە تەرەپۋازلىق بىلەن ئېلىپ بارغان تارقىتىشلىرى تۈپەيلىدىن تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.

«BBC»نىڭ بۇ خىل تارقىتىشلىرىغا يەنە بىر يېڭى سەتچىلىك قوشۇلدى.

ئەنگلىيەلىك ژۇرنالىست تىم مارشال قاتناشقان پىروگراممىدا، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قۇزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى/پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 2 چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بولمىغۇر سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنگلىيەلىك ژۇرنالىست تىم مارشال: «ئۇلار ئىككى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى. 1 – جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۆلتۈرمىدى. 2 – سى 21 ئەسىردە دۆلىتىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىشنى ئۇنۇتتى» دېدى.

پايتەخت لوندوندا تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قۇزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن بۇيان تۈركىيە ھەققىدە تەرەپۋازلىق بىلەن تارقىتىش بەرگەنلىكى تۈپەيلى تەنقىد قىلىنىۋاتقان  «BBC» قانىلىنىڭ مەركىزى بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر