فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى «خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن پ ي د نى «خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
534608
![فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى «خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/c275/f66e/3c41/5790fe1a04902.jpg?time=1718829046)
ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ھۈسەيىن ئۆزگۈرگۈن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د نىڭ «خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئۇ يەنە، 26 – ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدە بولىدىغان زىيارىتى جەريانىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.