تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ)نىڭ قىلمىشىغا خەلقئارادىن نارازىلىق ياغماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ)نىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنىشىنى ئەيىبلدى.

532567
تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ)نىڭ قىلمىشىغا خەلقئارادىن نارازىلىق ياغماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ)نىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنىشىغا قارىتا خەلقئارامۇ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قېيىن مەزگىلدە تۈركىيەنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىسى فەرھان ھەق، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىدا تۈركىيەدىكى ۋەزىيەتنى كۆزەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ «قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى» ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدىن خەۋىرى بارلىقىنى تىلغا ئالغان ب  د  ت باش كاتىپى باياناتچىسى فەرھان ھەق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۆز بىلەن ھەرىكەتنىڭ ماس بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فەرھان ھەق، باياناتىدا يەنە، تۈركىيەدە دېموكراتىيە ۋە ئاساسىي قانۇن پىرىنپىسلىرىنىڭ قوغدىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ تۈركىيەدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى تەرىپىدىن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە قانۇنلۇق دۆلەت ئورگانلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكرارلايدۇ»دېيىلدى. 

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈرك خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىش سىگنالى بەرگەن دوكلاتىدا، ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتقا ئىمزا قويغان ياۋروپا ئەللىرى تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تۈرك دېموكراتىيەسىنى قوللاش يولىدىكى ئورتاق پوزىتسىيەسىدىن مەمنۇن بولغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا مايدە تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك شەكىلدە سايلانغان ھۆكۈمىتىنى ۋە ئورگانلىرى كۈچلۈك شەكىلدە قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا مايدە باش مىنىستىرلىككە كېلىپ، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى ئاۋام كامېراسى ئالدىدا بەرگەن تۈنجى باياناتىدا، تۈركىيەدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئۈستىدە توختالدى.

ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، تۈركىيەنى ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمگە تولۇق ئەمەل قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىنى تەكىتلەيمىز. زورۋانلىقتىن تېخىمۇ بەك يېراق تۇرۇش، ھاياتلارنى قۇتقۇزۇش ۋە تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق ئىشلار قىلىنىشى لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر