كۇۋەيتلىك پىروفېسسورلار تۈرك خەلقىنىڭ رۇھىغا يۇقىرى باھا بەردى

كۇۋەيتلىك تەتقىقاتچىلار، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىلنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ قانۇن ئەتراپىغا توپلىنىشى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

531973
كۇۋەيتلىك پىروفېسسورلار تۈرك خەلقىنىڭ رۇھىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۇۋەيتلىك تەتقىقاتچىلار، تۈرك خەلقىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇش رۇھىغا يۇقىرى باھا بەردى؛ كۇۋەيت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور شەفىق ئەلغەبرا، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ تەشكىللەنگەن بولۇشىغا قارىماي، ھۆكۈمەت ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قوللايدىغان ياكى ئۇلارغا قارشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۈرك خەلقىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنىڭ ئورتاق تونۇش ئاستىدا ھەرىكەت قىلىشى سايىسىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يەنە بىر پىروفېسسورى ئابدۇللاھ ئەششايجىمۇ، تۈرك خەلقىنىڭ دۆلىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان ھەرقانداق يامانلىقنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ كوچىلارغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇۋەيت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا ۋە ئەمگەك قانۇنى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور ئابدۇلكەرىم ئەلكىندىمۇ، «ئەسكەرلەر بەزى نەرسىلەرنى كونترول قىلالىشى، تانكىلار بىلەن يوللارنى توسۇۋېلىشى مۇمكىن، لېكىن، خەلقلەرنىڭ تەقدىرى سايلام ئارقىلىقلا بەلگىلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر