ۋىيېتنامدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ۋىيېتنام پايتەختى خانوي شەھىرىدە، ئونلارچە كىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سوتنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدىكى ھۆكمىنى رەت قىلغانلىقىغا قارشى نامايىش قىلدى.

531071
ۋىيېتنامدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (17 – ئىيۇل) ئەتىگەندە خانوي شەھەر مەركىزىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ب ب س نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خانوي شەھەر مەركىزىگە توپلانغان بىر توپ كىشىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا سوتنىڭ قارارىنى رەت قىلغانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش قىلغان. خانوي ساقچىلىرى تەخمىنەن 30 نامايىشچىنى تۇتۇپ كەتكەن.

12 – ئىيۇل خەلقئارالىق سوت خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ھېچقانداق تارىخىي ىئگىلىك ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدا كېسىم چىقارغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، خەلقئارا سوتنىڭ مەزكۇر قارارىنى «ئاساسسىز» ۋە ھېچقانداق «كۈچكە ئىگە ئەمەس» دەپ ئېلان قىلىپ، قارارغا قارشى چىققان  ئىدى.

ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايشىيا، بىرۇنېي، خىتاي ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. خىتاي بىلەن ۋىيېتنام ئوتتۇرىسىدا  جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپىراتىل تاقىم ئاراللىرى سەۋەبلىك كۆپ قېتىم توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، 1974 – يىلىدىكى خىتاي – ۋىيېتنام ئۇرۇشىدا خىتاي سپىراتىل تاقىم ئاراللىرىنى كونتروللۇقىغا ئېلىۋالغان ئىدى.

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق ئاممىسىنى سپىراتىل تاقىم ئاراللىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ۋىيېتنامنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم  ئىلگىرىلىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. بۇ تۈپەيلىدىن ۋىيېتنامدا ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا  بولغان پوزىتسىيەسى بەك يۇمشاق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، دېگەن قاراشلار كۆپەيگەن.  ۋىيېتنام خەلقتە ئۇزۇندىن بۇيان بار بولغان خىتايغا بولغان نارازىلىقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، نارازىلىق نامايىشلىرىنى تېزلىكتە بېسىقتۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر