خىتاي دۇنياغا دۇئېل ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دائىمىي كېسىم مەھكىمىسنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى توغرۇلۇق بەرگەن قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

528533
خىتاي دۇنياغا دۇئېل ئېلان قىلدى

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە، بېيجىڭ ھاكىمىيىتى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئۈستىدە ھاۋا مۇداپىئە لىنىيەسى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي كېسىم مەھكىمىسىنىڭ بەرگەن قارارىنىڭ ئەكسىچە، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

فىلىپپىننى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلىگەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىيۇ مۇنداق دېدى: «بىخەتەرلىكىمىز تەھدىتكە ئۇچرىغان تەقدىردە، رايوندا تەدبىر ئېلىش ھەققىگە ئىگىمىز. بۇ بىزنىڭ ۋەزىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىزغا باغلىق. باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ پۇرسەتتىن دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە زىت ھالدا پايدىلانماسلىقلىرىنى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش مەسىلىسىدە دۆلىتىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

خىتاي دۆلەت كېڭىشىگە قاراشلىق مېدىيا ئىشخانىسى لاھەيدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا  قارىتا، «دۆلىتىمىز فىلىپپىن بىلەن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىختىلاپلارنى مۇزاكىرە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا مايىل»دېگەن تېما ئاستىدا سىياسىي بايانات ئېلان قىلدى.

لاھەي خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر قارارىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ۋە تەبئىي بايلىقلىرىدا تارىختىن كەلگەن ئالاھىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقى ھەققىدە ھىچقانداق ئىسپاتنىڭ يوقلىقى ئالاھىدە قەيت قىلىندى. سوت مەھكىمىسى بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا ۋە سۈننىي ئاراللار بەرپا قىلىپ رايوندىكى مارجان بايلىقلىرىغا ئېغىر زىيان بەرگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.

خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى فىلىپپىندە قاتتىق ھاياجان پەيدا قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي كېسىم مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتاينىڭ رەسمىي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم دېڭىز ئۆتۈش ئېغىزلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ھىدروكاربون زاپىسىنىڭ موللىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خىتاي، فىلىپپىن، ۋېيتنام، مالايشىيا، بىريۇنى ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي كېسىم مەھكىمىسى فىلىپپىنىڭ 2013-يىلدا خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئارال ۋە ئۇششاق ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى توغرۇلۇق سۇنغان ئىلتىماسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، 2015-يىلى بۇ مەسىلىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغانىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئاراللارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر