ئەسەد ئەسكەرلىرى ھەلەبنىڭ كاستىللو يولىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا

ئەسەد ئەسكەرلىرى ھەلەبنىڭ كونتروللۇقى ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدىغان كاستىللو يولىنى بىر يېرىم كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى مەللاھ رايونىدىن ئوققا توتتى.

526432
ئەسەد ئەسكەرلىرى ھەلەبنىڭ كاستىللو يولىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ھەلەبتىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىردىن - بىر چىقىش يولى بولغان  كاستىللو يولىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋېلىشقا ئۇرۇنماقتا.

شۇنداق بولغاندا ھەلەپ شەھىرى پۈتۈنلەي سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان بولىدۇ.

ئەسەد ئەسكەرلىرى ھەلەبنىڭ كونتروللۇقى ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدىغان كاستىللو يولىنى بىر يېرىم كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى مەللاھ رايونىدىن ئوققا توتتى.

ھەلەپتىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىردىن - بىر چىقىش يولى بولغان كاستىللو يولى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالدى. بىراق يولنىڭ كونتروللۇقى ھازىرمۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدا تۇرماقتا.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى روزا ھېيتنىڭ باشلىنىشىدا 72 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغان، لېكىن قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن ئۆزلىرى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن ئىدى.

ئەسەد قىسىملىرىدىن باشقا يەنە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز بومباردىمان قىلىپ كېلىۋاتقان كاستىللو يولى، سۈرىيەدىكى ئەڭ خەتەرلىك توقۇنۇش رايونى قاتارىدا كۆسىتىلمەكتە.

ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەلەب 5 مىليون ئامما ياشايدىغان سۈرىيەنىڭ 2 – چوڭ شەھىرى ئىدى. ئىچكى ئۇرۇشتا ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئىككى سەپكە ئايرىلغاندىن كېيىن شەھەرمۇ ئىككىگە بۆلۈنگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.

قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ شىمالىي قىسمىدا بولسا، 300 مىڭدىن كۆپرەك كىشى ياشايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر