ھاسەكە ئەڭ قانلىق ھۇجۇملاردىن بىرىگە سەھنە بولدى

سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ھاسەكە شەھىرىدە بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ئونلارچە ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى.

524459
ھاسەكە ئەڭ قانلىق ھۇجۇملاردىن بىرىگە سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ھاسەكە شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھاسەكە شەھىرىنىڭ ساھىلىييە دوقمۇشىدىكى بىر ناۋايخانا بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان، يارىدارلار شەھەردىكى دوختورخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر