چېخ جۇمھۇرىيىتى ئىسمىنى ئۆزگەرتتى

چېخ جۇمھۇرىيىتى ئىسمىنى «چېخىيە جۇمھۇرىيىتى» گە ئۆزگەرتتى.

523656
چېخ جۇمھۇرىيىتى ئىسمىنى ئۆزگەرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىراگا ھۆكۈمىتى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى فىرانسۇز، رۇس، ئەرەب ۋە خىتاي تىللىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارغا بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مىشېلا لاگرونوۋا دۆلەتنىڭ يېڭى نامىنى ئىشلىتىش مەجبۇرىيىتى يوقلۇقىنى، خەلقئارالىق يىغىنلاردا دەرھال ئىشلىتىلىشكە باشلىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

چېخ جۇمھۇرىيىتىدە ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەتنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش  توغرۇلۇق تالاش - تارتىش بولۇۋاتاتتى، سىياسىيونلارنىڭ بىر قسىمى «چېخىيە» گە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى سۇنسا، يەنە بىر قىسمى «چېخىستان» غا ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى سۇنۇۋاتاتتى.

پىرېزىدېنت مىلوس زېمان يېقىندىن بۇيانقى ئىنگلىزچە نۇتۇقلىرىدا دۆلىتىنى «چېخىيە» دەپ ئاتاۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر