دائېش باغدادتا 70تىن ئارتۇق ئادەمنى قەتلى قىلدى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا دائېشچىلار بومبا پارتىلتىپ 70تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
523098
![دائېش باغدادتا 70تىن ئارتۇق ئادەمنى قەتلى قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/395d/42e0/7ce6/577891925303e.jpg?time=1718989493)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ ئەڭ ئاۋات رايونلىرىدىن بىرىدە بومبا ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ 70تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.
تۇنجى ھۇجۇم بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل بىلەن باغدادنىڭ مۇھىم سودا-سېتىق مەركىزى بولغان كارادا رايونىدا يۈز بەردى.
ھۇجۇمدا 50دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 30دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پايتەختنىڭ شەرقىدىمۇ بومبا پارتىلتىلدى.
بۇ ھۇجۇمدىمۇ 20دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، 16 ئادەم يارىلاندى.
ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈستىگە ئالدى.
بۇ ھۇجۇملار ئىراق ئارمىيەسىنىڭ «فەللۇجە دائېشتىن تولۇق تازىلاندى»دېگەن مەزمۇندا بايانات بېرىشىدىن كېيىن سادىر بولدى.