ئامېرىكا: تۈركىيە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى يېتەرلىك تەدبىر ئالالمايۋاتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2016-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ تۈركىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىشتا يېتەرلىك تەدبىر ئالمايۋاتقانلىقلىرنى بىلدۈردى.

522689
ئامېرىكا: تۈركىيە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى يېتەرلىك تەدبىر ئالالمايۋاتىدۇ

ئامېرىكا 2016-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررېي 2016-يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دۆلەتلەر ئادەم ئەتكەسچىلىكى سودىسىغا قارشى كۈرەشلەردىكى تىرشچانلىقلىرىغا ئاساسەن تۆت كاتېگورىيەگە ئايرىلغان دوكلاتتا، تۈركىيە «ئادەم ئەتكەسچىلىكى سودىسىغا توسالغۇ بولۇشتا ئەڭ ئەقەللىي تەدبىرلەرنىمۇ ئالالمىغان بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر»قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

دوكلاتتا تۈركىيەدىكى مەزلۇملارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا، سۈرىيە ۋە ماراكەشتىن كەلگەنلىكلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن مەزلۇملارغا بالا بېقىش ۋە تازىلىق ئىشچىلىقىغا ئوخشاش ئىشلار تەكلىپ قىلىنىدىكەن،بىراق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن پاھىشە بولۇشقا مەجبۇرلىنىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە، ساقچى بولۇپ بەزى مۇھىم كەسپ ۋە مەسئۇللارنىڭمۇ بۇ ئىشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر