ئىنگلىزلار ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كېلەچىكى ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ

ئەنگلىيە خەلقى دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ.

516580
ئىنگلىزلار ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كېلەچىكى ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رېفېراندۇم ھارپىسىدا خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ بىر قىسمى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى، يەنە بىر قىسمى چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئەنگلىيە رېفېراندۇمدىن  كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەن تەقدىردە، قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەنىڭ ئورتاق بازارغا كىرىشى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قارار بۇنىڭدىن كېيىن جىددىي خەۋپ تەشكىل قىلىدۇ. ھەممە بۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا كىرىشى مۇمكىن ئەمەس.»

ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا «ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەن تەقدىردە، ئۆز – ئۆزىگە زىيان سالغان بولىدۇ» دېگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جان كىلود يۇنكېر بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەلىك سىياسىيونلار ۋە سايلىغۇچىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەزا بولۇش ئۈچۈن قايتا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. باش ۋەزىر دەيۋىد كېمىرىن بىلەن بىرلىكتە كېلىشىمنى ئىمزالىدۇق. بىز بۇ ھەقتە قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتۇق.»

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ كۈچلۈك بىر ياۋروپادىكى كۈچلۈك بىر ئەنگلىيەنىڭ ناتو ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىمۇ بۇ ھەقتە ئەنگلىيەنى ئاگاھلاندۇرغان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كەتكەن تەقدىردە، بۇنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە سودا ئىشلىرى زىيانغا ئۇچراشتەك خەۋپلەرنى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە پۇل - مۇئامىلە جەھەتتىكى مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر