ئامېرىكا: ئەسەدنىڭ رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ھەلەبكە ھۇجۇم قىلىۋېرىشىگە قاراپ تۇرالمايمىز

جون كېررى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ھەلەبكە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

512074
ئامېرىكا: ئەسەدنىڭ رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ھەلەبكە ھۇجۇم قىلىۋېرىشىگە قاراپ تۇرالمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەسەدنىڭ رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ھەلەبكە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

جون كېررى ئوسلودا نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرنا سولبېرگ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى؛ سۈرىيەدە توقۇنۇشلارنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلغان كېررى، كېلىشىمنىڭ «ئۆتكۈنچى ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى ئەمەس، پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا ئىجرا قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر كېلىشىم ئىكەنلىكى» نى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئۆكتىچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان كېررى، ئەسەد ھەلەبكە رۇسلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى.

كېررى، سۈرىيەدە قانۇنلۇق بىر سىياسىي مۇساپىگە ئۆتۈشنى باشلاشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ جەنۋەدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربايمۇ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيە ئىجابىي ھالەتتە ئەسەدكە بېسىم ئىشلەتمىگەن تەقدىردە، بۇنىڭ ئۆزلىرى ۋە رايون ئۈچۈن ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۇرۇش داۋاملاشقان ئەھۋالدا رايونغا تېخىمۇ كۆپ تېررورچىنىڭ كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، «رۇسىيەمۇ پەيدا بولغۇسى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.

كىرباي، سۈرىيەدىكى ياردەم يېتىپ بارمىغان جايلارغا ئىنسانپەرۋەر ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ۋە غەلىبىلىك ھالدا دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ياردىمىنىڭمۇ كېرەكلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر