مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

قاھىرە جىنايىي ئىشلار مەھكىمىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى  تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

509930
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

قاھىرە جىنايىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى  تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدا بەرگەن قارارى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

مىسىر رەسمىي گېزىتى قاھىرە جىنايىي ئىشلار مەھكىسىمىنىڭ 14-ئاپرېلدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن 215 كىشىنى 3 يىللىق تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش قارارىنى ئېلان قىلدى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مۇداپىئە ھەيئىتى باشلىقى ئابدۇلمۇنىم ئابدۇلمەقسۇد ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قارارنى ئىناۋەتسىز قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالىي سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مىسىر ھۆكۈمىتى 2013-يىلى دېكابىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى قانۇنسىز تەشكىلات ئېلان قىلدى.

پىرىزېدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى تەرىپىدىن 2015-يىلى فېۋرالدا تەستىقلانغان قارارنامىنىڭ روھىي بويىچە، ئەينى دەۋىردىكى مىسىر باش تەپتىش ئەمەلدارى ھىشام بەرەكات 2015-يىلى 29-مارتتا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى  رەھبەرلىك كېڭىشى باشلىقى مۇھەممەد بەدىئىي بىلەن 17 تەشكىلات ئەزاسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلغانىدى، بىراق ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ قارارنى بېكار قىلىۋەتكەنىدى.

مىسىردا پىرىزېدېنت مۇھەممەد مۇرسى ۋەزىپىسىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن بۇيان مىسىر ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن ئەزالىرىنى «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرى سادىر قىلىش»بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بولسا ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى تىنچ يول بىلەن نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر